بىرمادىكى بۇتخانىلار يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا يۈز بەرگەن شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئاز دېگەندە 185 بۇتخانا زىيانغا ئۇچرىدى. بۇتخانىلاردىكى دىنىي يادىكارلىقلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باگان رايونىغا ساقچى قىسىملىرى ئەۋەتىلدى. يەرلىك خەلق قالدۇق يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەتىرىگە قارشى بۇتخانىلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.