ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى، ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

2151405
ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ قاراباغدىكى رۇسىيە تىنچلىق قىسمىنىڭ رايوندىن ئايرىلىشى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك باسقۇچنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قۇرۇلۇش ۋە قايتا قۇرۇش پائالىيەتلىرىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ جىنايەتلەىرى بىلەن پەقەت رايون بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىككىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كىرىزىسنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىردىن چارەسىنىڭ پايتەخت قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلغان.

ئەردوغان ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپاسى قۇرۇش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، شۇنداقلا ئىيۇل ئېيىدا شۇشادا چاقىرىلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ قىبرىس دەۋاسىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تەييارلىق جەريانىدا ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشلىقلار يىغىنىدا، رەپىقەسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى» دائىرىسىدە مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر