تۈركىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «غەززە قارارى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغان غا «قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم» دەپ باھا بەردى.

2151358
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «غەززە قارارى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى <قارارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى> توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان 10-ئىيۇندىكى 2735-نومۇرلۇق قارارىغا <غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر قەدەم> دەپ قارايمىز» دېدى.

ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا تۇتقان «بەرپاچى ۋە ئىجابىي» پوزىتسىيەنىڭ قارشى ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئىسرائىلىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا بويسۇنىدىغانلىقىغا ئەھدە قىلىشى ۋە بۇ قارارنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى زۆرۈر. تۈركىيە ئۇرۇشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل توختىشىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن چېكىنىشىنى، گۆرۈگە ئېلىنغانلار بىلەن ئەسىرلەرنىڭ ئۆزئارا قويۇپ بېرىلىشىنى، سەرگەردان پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەگە قايتىپ كېلىشىنى، يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ۋە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق قەدەملەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئېلان قىلغان، بىرىنچى باسقۇچى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ باسقۇچلۇق قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى.

15 ئەزالىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاشتا، ئامېرىكا سۇنغان قارار لايىھەسىگە 14 ئەزا قوللاپ بېلەت تاشلىغان، رۇسىيە بولسا، بېلەت تاشلاشتىن يالتايغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر