ئىستانبۇلدا رەسساملار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىغا قارشى سەنئەتكارلار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە باشلىغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمى 247 – كۈنىگە قەدەم قويغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 247 رەسسام «زۇلۇمنى سىزىڭلار» ناملىق سەنئەتكارلار پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

2150841
ئىستانبۇلدا رەسساملار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىغا قارشى سەنئەتكارلار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
gazze resim.jpg
gazze resim.jpg
gazze resim.jpg
gazze resim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايا سوفىيائىي كەبىر جامى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، سەنئەتكارلار غەززەدىكى زۇلۇمغا چوتكىلىرى بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى.

سەنئەتنىڭ كۈچى بىلەن زۇلۇمغا قارشى سادا ياڭرىتىش ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە ياش ۋە ئۇستا رەسساملارنىڭ پەلەستىن تېمىسىدىكى رەسىملىرى شۇنداقلا شېھىت بولغان بوۋاقلارنىڭ قانلىق كىيىملىرى ۋە ئويۇنچۇقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسلىھەلەر كۆرگەزمە قىلىندى.

رەسىم سىزىشتىن باشقا يەنە، ھۆسنخەت، يورۇتۇش، مەرمەر تاش سەنئىتى، فوتوگرافچىلىق ۋە مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت تارماقلىرىدىكى سەنئەتكارلارمۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. بالىلار ئۈچۈن «بوياقلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» تېمىلىق رەسىم سىىزىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

كۈن بويى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن داۋام قىلغان پروگراممىغا سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرىدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن پۇقرالار ۋە ساياھەتچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر