ئەردوغان ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئىسپانىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە 12، 13- ئىيۇن كۈنلىرى ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
2150914
![ئەردوغان ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0367/0e6e/8db0/6666bb7ba7c87.jpg?time=1722046158)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىسپانىيە-تۈركىيە سودا مۇنبىرى» يىغىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ئىككى دۆلەت بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملىك ئۆزگىرىشىنى قوللايدۇ، ساياھەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىمۇ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722046159)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.