فىدان موسكۋادا ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا بىرىنچى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2151064
فىدان موسكۋادا ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان ئىككى كۈنلۈك رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە 11-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان «كېسەك ئالتۇن +» يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە جەنۇبىي كاۋكاز رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مىنىستىر فىدان تۈركىيەنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ تىنچ يوللار بىلەن بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارىشىنى قايتا تەكىتلەيدۇ.

2006-يىلى 6-ئايدا، رۇسىيەدىكى سانت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە خىتاي بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» 2010-يىلى جەنۇبى ئافرىقانىڭ، 2024-يىلى مسىىر، ئېفىيوپىيە، ئىران ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كۆپ دۆلەتلىك بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى.

30 دىن ئارتۇق دۆلەت ئەزا بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا تەرتىپىدىكى تەڭداش ئىتتىپاقلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر