ئەردوغان: ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى گىتلېرغا ئوخشاش خاتىرىلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گىتلېرغا ئوخشاش لەنەت بىلەن خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2144881
ئەردوغان: ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى گىتلېرغا ئوخشاش خاتىرىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ  تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە ئەسىرى ئاساسىي قانۇنى-پۇقرالار ئاساسىي قانۇنى كۈچلۈك تۈركىيە» ناملىق لېكسىيە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختالغاندا، غەززەدىكى بىخەتەر رايون دەپ جاكارلانغان رەفاھتىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلىشقا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ  مۇنداق دېدى:

«بۇ قەتلىئام تېررورلۇق دۆلىتىنىڭ ۋەھشىي يۈزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ دۆلىتىدە بىر بۇلۇڭغا قىستىلىۋاتىدۇ. ئۇ سىياسىي ھاياتىنى تېخىمۇ كۆپ قان ئېقىتىش بىلەن ئۇزارتالمايدۇ. ئۇ ئۆزى تەقلىد قىلغان گىتلېر (1945-1889) غا ئوخشاش، لەنەت بىلەن خاتىرىلىنىدۇ.»

ئۇ يەنە، بۇ قاتىللاردىن ھېساب سوراش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«رەببىم غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن.»

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھتا پاناھلىنىۋاتقان يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر قۇرغان چىدېرنى بومباردىمان قىلىپ، 40 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر