خاقان فىدان بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن «پەلەستىن» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.

2144227
خاقان فىدان بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، يىغىنلاردا غەززەنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى، شۇنداقلا پەلەستىن دۆلىتىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىش تىرىشچانلىقى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خاقان فىدان زىيارەت دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشىلاردا بولىدۇ. پەلەستىنگە ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان خەلقئارالىق شېرىكلەرنىڭ پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستاپا بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، خاقان فىداننىڭ «خەلقئارالىق شېرىكلەر ئۇچرىشىشى» غىمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇچرىشىشتا، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇستافانىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نۇقتىلىق ئىشلىرى ۋە پىلانلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىشى ھەمدە بۇ دائىرىدە پەلەستىن دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارغا قارىتا مۆلچەرلىرىنى ھەمبەھىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە.

ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق شېرىكلەر يەنە، پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆز-ئارا دىيالوگ قۇرۇپ چىقىدۇ.  يېڭى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نۇقتىلىق ئىشلىرى، غەززەدە دەرھال ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش، غەززەنى قايتا قۇرۇش، ئىسلاھات كۈن تەرتىپى، ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى قاتارلىق تېمىلارئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيە تەرىپىدىن تەمىنلەنمەكتە. تۈركىيە يەنە ھەر قايسى مۇنبەرلەردە پەلەستىننى سىياسى جەھەتتىن قوللاپ، پەلەستىنلىكلەرنى ئىتتىپاقلىق تىرىشچانلىقىغا ئۈندىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر