ئەردوغان «ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە «25-ماي ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

2144146
ئەردوغان «ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان  باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە <25-ماي ئافرىقا كۈنى> بايرىمىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. تارىخى 9-ئەسىرگىچە سوزۇلىدىغان، ئىنسانىي ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىمىز ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمغا قىزغىن ھەم يالقۇنلۇق سالام يوللايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر