ئەمىنە ئەردوغان  «ئافرىقا كۈنى» نى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان «25-ماي ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

2144125
ئەمىنە ئەردوغان  «ئافرىقا كۈنى» نى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«ئافرىقا قىتئەسى بىلەن ئەبەدىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بار بولۇپ، بىز دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق سايىسى ئاستىدا بىر گەۋدىگە ئايلانغان خەلقلەرمىز. ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ساغلاملىق، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىز نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىتتىپاقداشلىقىمىز – ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىغىغا تىلەكداشمەن. قەلبىمدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر ۋە خاتىرىلەرنى  قالدۇرغان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ <ئافرىقا كۈنى> بايرىمى مۇبارەك بولسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر