تۈركىيە: خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنىڭ تېز ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق قارارلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تېز ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2144023
تۈركىيە: خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنىڭ تېز ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدە چىقارغان «ئېھتىياتى تەدبىر (تەدبىر خاراكتېرلىك)» قارارلىرى  ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى ۋە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئۈچۈن دەرھال ئېچىشى توغرىسىدا چىقارغان <ئېھتىياتى تەدبىر (تەدبىر خاراكتېرلىك)> قارارلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»

«دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق قارارلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تېز ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان يېڭى «ئېھتىياتى تەدبىر (تەدبىر خاراكتېرلىك)» قارارلىرىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى توسماسلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ غەززەگە كىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر