دېندىياس: تۈركىيە كېمەسازلىق ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى

گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىياس تۈركىيەنىڭ كېمىسازلىق ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىلىدە بۇ جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2143763
دېندىياس: تۈركىيە كېمەسازلىق ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىياس مۇداپىئە ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش لايىھەسى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، گىرېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ كېمىسازلىق ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «تۈركىيە ھەقىقەتەن كېمىسازلىق ۋە خام ئەشيا سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق ساھەگە كىردى. گىرېتسىيە قەدىمكى شەھەر دۆلىتى دەۋرىدىن بۇيان دېڭىزدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى. (گىرېتسىيە) دېڭىز ئارمىيەسى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا موھتاج. بىز كىرىزىس يىللىرىدا بەكلا ئارقىدا قالدۇق، سۇپىلىرىمىزنى ۋە سىستېمىمىزنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇل تاپالمىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر