ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر  شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى  رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

2143294
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر  شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەھرىمان سەپدىشىمىز پىيادە ئەسكەر ۋەدات زوربا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى،  ئۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. بىزنى چوڭقۇر ئازاب دېڭىزىغا تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز.»  

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن  جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرمۇ شېھىت ئەسكەر ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر