ئەردوغان باش ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان برۇنېي، سومالى ۋە ئىسپانىيە باش ئەلچىلىرىنى ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلدى.
2143442
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان قوبۇلدا، برۇنېي باش ئەلچىسى نونى زۇرەينا ھاجى، سومالى باش ئەلچىسى فەتھۇددىن ئەلى مۇھەممەد ۋە ئىسپانىيە باش ئەلچىسى كىرىستىنا لاتوررې سانچو جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇبىنى سۇندى.
باش ئەلچىلەرئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇبىنى سۇنغاندىن كېيىن، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
كېيىنچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلدى.