ئەردوغان: ئىراقنىڭ پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ئىراقنىڭ پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2136313
ئەردوغان: ئىراقنىڭ پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى جەريانىدا، ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۈمىكى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۆتكەن ئايدىكى (ئاپرېل) ئىراق زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ پ ك ك نى «چەكلەنگەن تەشكىلات» دەپ جاكارلىشىنىڭ مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان: «بىز پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلدۈردۇق. ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق بىر تەھدىتكە سەل قارىسا بولمايدۇ. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بۆلگۈنچى تەشكىلاتقا زەربە بېرىمىز. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمايمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «سۈرىيەدە ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلىپ ئورۇنلانمىغان ۋەدىلەر سەۋەبىدىن چالا قالغان ئىشىمىزنى، ۋاقتى كەلگەندە، چوقۇم تاماملايمىز. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز نەتىجىسىدە ھەرىكەت ساھەسى خېلىلا تارىيىپ كەتكەن  بۆلگۈنچى تەشكىلاتقا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر