تۈركىيە چىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە چىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنتلارنىڭ تارىخىنى شەرھلەش ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى ۋە داۋاملاشتۇرۇپ: «چىلى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن قوبۇل قىلىنغان 1915-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
بۇ قارارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سادىر قىلىنىپ-قىلىنمىغانلىقىغا ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىسىلا ھۆكۈم قىلالايدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان 1948-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىگىمۇ زىت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى يوقىتىلدى.