مۇداپىئە مىنستىرلىقى: يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 54 تېررورچى يوقىتىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدا 54 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2132120
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 54، 2024-يىلى 1-يانۋاردىن بۇيان 360 نەپىرى ئىراقنىڭ، 442سى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ جەمئىي 802 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.