ئەردوغان تانزانىيە پىرېزىدېنتى سامىيا بىلەن كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تانزانىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى سامىيا سۇلۇخۇ ھەسەن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2129180
ئەردوغان تانزانىيە پىرېزىدېنتى سامىيا بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تانزانىيە پىرېزىدېنتى سامىيا سۇلۇخۇ ھەسەن بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە-تانزانىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

تانزانىيە پىرېزىدېنتىنىڭ دۇنيا ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى كۆتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر