تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى قارارلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئەنقەرە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قىبرىس مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلۈشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2129498
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى قارارلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-18-ئاپرېل كۈنلىرى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئالاھىدە يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە ۋە يەر شارى تەرەققىياتىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ يوقلۇقىنىڭ يېڭى مىسالىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، يىغىننىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىرلىكتە تەييارلىغان ياۋروپا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە دائىر تەۋسىيەلەرنى چۆرىدەپ كونكرېت قارارلارنى چىقىرالماسلىقىنىڭ ئېغىر تۇترۇقسىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىز تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن قىبرىس مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلۈشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمىز. كۆپ يۆنىلىشلىك تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى قىبرىس مەسىلىسىگە تارايتىپ قويىدىغان چۈشەنچىدىن ۋاز كېچىش كېرەك. بۇنداق تونۇش نە قىبرىس مەسىلىسىگە، نە رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە بەرپاچى تۆھپە قوشالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، كاندىدات دۆلەت تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىپ: «بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ساھەلەر بىلەن چەكلىنىشىنى رەت قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىرىمىزگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەگە قارىتا تاشلايدىغان قەدەملىرىنىڭ سۈرئىتى، سەۋىيەسى ۋە دائىرىسىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر