تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ پەنجاپ، بېلۇچىستان ۋە خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

2129163
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى توغرىسدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پاكىستاننىڭ پەنجاپ، بېلۇچىستان ۋە خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلۈپ: «جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە سەۋر تىلەيمىز» دېيىلدى.

پەنجاپ، بېلۇچىستان ۋە خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتلىرىدا 13-ئاپرېل (2024) شىددەتلىك ياغقان يامغۇر نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 63 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

كەلكۈندە نۇرغۇن ئۆي ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر