تۈركىيە لىۋان ئۈچۈن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىۋاندا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى مەجبۇر قالمىغان ئەھۋالدا نېباتىياھ، جەنۇبىي لىۋان، بېكائا ۋە بائالبېك-خېرمېل ۋىلايەتلىرىگە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

2129194
تۈركىيە لىۋان ئۈچۈن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رايون ۋەزىيىتىنىڭ لىۋانغا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن لىۋاندا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى دىققەت قىلىشنى، مەجبۇر قالمىغان ئەھۋالدا نېباتىياھ، جەنۇبىي لىۋان، بېكائا ۋە بائالبېك-خېرمېل ۋىلايەتلىرىگە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

لىۋان ۋەزىيىتىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدىن كۆزىتىپ تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشتا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا «+961 3 944 904»  ۋە «+961 70 622 012» نومۇرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر