ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتى مەرسىندىن يولغا چىقتى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن 3 مىڭ 774 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېسىلغان پاراخوت تۈنۈگۈن (16-ئاپرېل) مەرسىن خەلقئارا پورتىدىن قوزغالدى.

2128658
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتى مەرسىندىن يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە توپلانغان يېمەك-ئىچمەك مالزىمىلىرى، بوۋاق مالزىمىلىرى، ئۇيقۇ تۇلۇمى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان 3 مىڭ 774 توننا ياردەم بېسىلغان پاراخوت، مۇراسىم بىلەن يولغا سېلىندى.

پاراخوت 40 سائەتلىك سەپەردىن كېيىن، غەززەگە ئەڭ يېقىن جاي بولغان مىسىرنىڭ ئەلئارىش پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. ئارقىدىن ياردەملەر يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا يەتكۈزۈلىدۇ. چېگرادا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن، پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيە غەززەگە ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بېرى 13 ئايروپىلان ۋە سەككىز پاراخوتتا جەمئىي 39 مىڭ 697 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر