ئەردوغان ئەننەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2128970
ئەردوغان ئەننەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيانغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەردوغان رىۋاندا باش ئەلچىسى چارلىز كايونگا ۋە نىكاراگۇئا باش ئەلچىسى تاتيانا دانىئېلا گارسىيا سىلۋانىنى قوبۇل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇلدا، رىۋاندا ۋە  نىكاراگۇئا باش ئەلچىلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئىشەنچ خېتى سۇنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر