ئەردوغان: مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمەن

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2128914
ئەردوغان: مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسى (ئاق پارتىيە) نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىز پەلەستىن كۈرىشى ئارقىلىق مەنىلىك ھاياتقا ئېرىشكەندۇر.»

«(1919 – 1923 – يىلللاردىكى) مىللىي كۈرەش <مۇستەقىللىق كۈرىشى> مەزگىلىدە تۈركىيەدىكى كۇۋايى مىللىيە (مىللىي كۈچلەر) قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا ھاماسمۇ شۇنداق ئەھمىيەتكە ئىگە.»

«تېررورلۇق دۆلىتى ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. بۇ جەرياندا 14 مىڭ بالا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلار (ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى) ئاللىقاچان (گېرمانىيە ناتسىستلار رەھبىرى) گىتلېردىنمۇ ئېشىپ كەتتى.»

«پەلەستىن (خەلقى) نىڭ كۈرىشىنى  قوللاش ۋە مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنىڭ ساداسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن، داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر