سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا 4 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2128897
سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا 4 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا ھېچقانداق بىر يەردە چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچىنى  بىر تەرەپ قىلدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، شانلىئۇرفادا سۈرىيە چېگراسىدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د ئەزاسى بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى، ئاندىن ئۇنى قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئىشلىرى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر