فىدان قاتاردا ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار زىيارىتى دائىرىسىدە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى.

2129004
فىدان قاتاردا ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى ئۇچرىشىشىدا، غەززەگە قارىتا بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇنلار مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر