ئىراقنىڭ شىمالىدا يەنە 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 5 تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
2128344
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە يوقىتىش نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 5 تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورىزمنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىش نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»