فىدان بائاس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان (15-ئاپرېل) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋە سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچى ۋەكىلى جون بائاس (John Bass) بىلەن كۆرۈشتى.
2128078
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكس (X) بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خاقان فىداننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەت بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋە سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچى ۋەكىلى جون بائاس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇراك ئاكچاپارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن بائاس، بۈگۈن (16-ئاپرېل) مۇ بەزى ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.