قالىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرنس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس (William Burns) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2127612
قالىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرنس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ھېيتتا ئىبراھىم قالىنغا تېلېفون قىلىپ، ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاستىچىلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىبراھىم قالىن بۇرنس بىلەن تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىبراھىم قالىن بۇرنس بىلەن سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى، ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرى، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە غەززەلىكلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر