تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىرانغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە پېگاسۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ساھەسىنى تاقىشى سەۋەبىدىن ئىران، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە لىۋانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

2127387
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىرانغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، لىۋان، ئىران، ئىراق ۋە ئىئوردانىيە تۈنۈگۈن كەچتە ھاۋا ساھەسىنى تاقىدى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە پېگاسۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھاۋا ساھەسىنى تاقىغان دۆلەتلەرگە تۈنۈگۈن كەچتە ۋە بۈگۈن ئۈچۇشى پىلانلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئۆز-ئارا ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رايونغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلارمۇ ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ كېلىندى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تۈنۈگۈن كەچتىكى ئىستانبۇل-تېھران، ئىستانبۇل-ئىسفاھان، ئىستانبۇل-شىراز، ئىستانبۇل-مەشھەد نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يولنى ئۆزگەرتىپ، ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كۇئالالۇمپۇر-ئىستانبۇل ئايروپىلانىمۇ دۇبەيگە يۈزلەندۈرۈلدى.

<Ajet> ۋە پېگاسۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودرومىدىن يولغا چىقىدىغان شۇنداقلا ئىران ۋە ئىراققا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە بۇ دۆلەتلەرگە قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلانلار ئەرزۇرۇم، دىيارباكىر، ئەلازىغ ۋە ئەتراپتىكى ئايرودروملارغا يۈزلەندۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىراق، ئىيوردانىيە ۋە لىۋان ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن كەچتە تاقالغان ھاۋا ساھەسىنى قايتىدىن ئاچتى.

ئىسرائىلىيەمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 7 سائەت تاقالغان ھاۋا ساھەسىنىڭ ئاممىۋىي ئاۋىياتسىيە ئۈچۈن قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر