ئەردوغان ئىسمائىل ھەنىييەگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەرزەنتلىرى بىلەن نەۋرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەدىن ھال سورىدى.

2126729
ئەردوغان ئىسمائىل ھەنىييەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى شېھىت بولغان ئىسمائىل ھەنىييەگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھال سورىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇن ئالدىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ چوقۇم تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ دائىرىدە يەنە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۈچ ئوغلى بىلەن تۆت نەۋرىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان ئىسمائىل ھەنىييەگە تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر