«پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونى» دىن شۇم خەۋەر كەلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونى» دا، تېررورىستلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

2126485
«پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونى» دىن شۇم خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونى» دا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «9-ئاپرېل (2024) پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورىستلارنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن يارىلانغان پىيادە ئەسكەرلەر مۇتەخەسسىسى، سېرژانت  ھىكمەت ئارسلان دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى» دېيىلدى.

باياناتتا، شېھىت ھىكمەت ئارسلانغا ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە خەلقىگە سەۋر تىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر