ئەدوغان: پەلەستىندىكى زۇلۇم ئۈچ چارەك ئەسىردىن بۇيان داۋام قىلماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىندىكى ئىشغالىيەت، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۈچ چارەك ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2125552
ئەدوغان: پەلەستىندىكى زۇلۇم ئۈچ چارەك ئەسىردىن بۇيان داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ «TRT1» قانىلىدا تارقىتىلىۋاتقان قۇرئان كەرىمنى گۈزەل تىلاۋەت قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ سۆز قىلدى؛ ئۇ سۆزىدە ئىسلام دۇنياسى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ: «قوشنىمىز سۈرىيە 13 يىلدىن بۇيان قالايمىقانچىلىق ۋە مالىمانچىلىقتىن قۇتۇلالمىدى. لىۋىيە ۋە يەمەندىمۇ تېخىچە تىنچلىق ئورنىتىلالمىدى. سۇداندا مىليونلارچە كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. پەلەستىندىكى ئىشغالىيەت، رەھىمسىزلىك ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۈچ چارەك ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشماقتا. غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز 180 كۈندىن بۇيان دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى تەسۋىرلەشكە سۆزلەر كۇپايە قىلمايدۇ» دېدى.

جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ئىسلام جۇغراپىيەسىدە ئويۇنلارنى  ئوينىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ئافرىقادىن ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇن رايونلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ سۆمۈرۈش چاقىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى ۋە قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرەلەيمىز. ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش بۇ قوراللارنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۈگۈن سۈرىيە، يەمەن، لىۋىيە، سۇدان، پەلەستىن ۋە باشقا نۇرغۇن ئىسلام زېمىنىنى قانغا بويىغان توقۇنۇشلارنىڭ، زۇلۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدا سۈمۈرۈش سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانى ياتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ يېتەكلىشىگە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر