ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلدى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى جاسارەتكە ئىگە قىلغان بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كېچىكتۈرمەستىن ئۈزۈشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

2125029
ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

خىتابنامەدە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ھەر قانداق ئەھۋالدا ھېچقانداق ئورۇن بېرىلمەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ،  «پ ك ك|ك ج ك-ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا ياشايدىغان پۇقرالىرىمىزنى ۋە ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىمىزنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ، تېررورلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كېچىكتۈرمەستىن ئۈزۈشى مۇھىم» دېيىلدى.

خىتابنامەدە يەنە، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە خەلقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشقا چاقىرىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر