تۈركىيە غەززەدىكى شىپا دوختۇرخانىسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىدا تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قەستەن ۋە سىستېمىلىق يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2123423
![تۈركىيە غەززەدىكى شىپا دوختۇرخانىسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/67fe/d828/a52a/660ba715a1d6d.jpg?time=1722045083)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە سادىر قىلغان جىنايىتى ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ۋەھشىيلىكلەرنىڭ بىرى» دېدى ۋە بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا كۆز يۇمغانلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ تارىختا داغ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ سۈرەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قەستەن ۋە سىستېمىلىق يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېيىلگەن باياناتتا، ئىنسان ۋىجدانى ۋە قانۇننى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئىسرائىلىيەنى توختىتىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئۇرۇش توختىتىش قارارى بىىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زۆرۈر تەدبىرلەرنى كېچىكتۈرمەستىن يولغا قويۇش لازىم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722045084)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.