ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2122950
ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ تېزدىن ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەندىن باشقا يەنە،  ئەلفەتىھ ۋە ھاماسنىڭ بۇ جەرياندا ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى رايونغا كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر