ئەردوغان سادىر جاپپاروۋ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2122883
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سادىر جاپپاروۋغا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.