ئەلى يەرلىكايا «بوزدوغان -19 ھەرىكىتى»  ھەققىدە مەلۇمات بەردى

شىرناك، دىيارباكىر، سىيىرت ۋە خاككارىدا ئېلىپ بېرىلغان «بوزدوغان -19 ھەرىكىتى» جەريانىدا، تېررورچىلارغا تەۋە 22 ئۆڭكۈر، پاناھجاي ۋە يوشۇرۇنۇش ئورنى بىتچىت قىلىندى.

2122993
ئەلى يەرلىكايا «بوزدوغان -19 ھەرىكىتى»  ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بۆلۈمى بىلەن ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ ماسلىشىشىدا شىرناك، دىيارباكىر، سىيىرت ۋە خاككارىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، كوماندىر-جەڭچىلەر ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن 107 – قىسىم شۇنداقلا 1445 نەپەر ژاندارما خادىمىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى يەرلىكايا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ  يېزىلاردا  ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۆڭكۈرلەردە ۋە پاناھجايلاردا سالاۋاتقان ھەر خىل قورال، ئوق-دورا، پارتىلاتقۇچ ماددىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تۆت ۋىلايەتتە تەڭ ئېلىپ بېرىلغان «بوزدوغان -19 ھەرىكىتى»  دە تېرررورچىلارغا تەۋە 22 ئۆڭكۈر، پاناھجاي ۋە يوشۇرۇنۇش ئورۇنلىرىنىڭ  بىتچىت قىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر