81 ۋىلايەتتە بېلەت تاشلاش داۋاملاشماقتا
تۈركىيە 5 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقتا.
2122527
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقياسىدا سايلام ھاياجانلىرى ئەتىگەندىلا باشلاندى.
شەرقتىكى 32 ۋىلايەتتە بېلەت تاشلاش تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.
شەرقتىكى بۇ 32 ۋىلايەتتىن باشقا ۋىلايەتلەردە بولسا، تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.
31 - مارتتىكى يەرلىك سايلامدا، 81 ۋىلايەت، 973 ناھىيە ۋە 390 يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ.