گېرمانىيەدە تېررورچىلار تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا زىيان سېلىشقا ئۇرۇندى

گېرمانىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى داۋاملاشماقتا.

2121009
گېرمانىيەدە تېررورچىلار تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا زىيان سېلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈنۈگۈن (26-مارت) كەچتە تاش ۋە كالتەكلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ ھاننوۋېردىكى كونسۇلخانىسى بىناسىغا زىيان سېلىشقا ئۇرۇندى.

كونسۇلخانا بىناسىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىشقا ۋە ئىشىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرى، شۇئار توۋلىغىنىچە رايوندىن قېچىپ كەتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كونسۇلخانا بىناسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

تۈركىيە رەھبەرلىرىمۇ گېرمانىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئىزدەپ-تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر