تۈركىيە قىرىم ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

2116256
تۈركىيە قىرىم ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «قىرىم قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇكرائىنا قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2014-يىلى 16-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغىنىغا 10 يىل بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئاساسلىقى قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالى بولۇپ، قىرىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقى ۋە ئۇنى كۈنتەرتىپىنىڭ مۇھىم يېرىدە قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىز خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بۇ قىلمىشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر