ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

2114537
ئەردوغان پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇ -ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زەردارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

ئەردوغان سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىىڭ ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ يېڭى مەزگىلنىڭ پاكىستان ئۈچۈنمۇ خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئومۇمىي سايلام مەزگىلىدە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە پاكىستاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر