ئەردوغان ئانتاليادا خەلققە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «دۆلىتىمىزنى سىياسەت، دىپلوماتىيە، سانائەت، پەن -تېخنىكا دېھقانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىغا قانداق ئېلىپ چىققان بولساق، تۈركىيە ئەسرى بىلەن يەنە شۇنداق ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزىمىز» دېدى

2110095
ئەردوغان ئانتاليادا خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ئانتاليا يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ساياھەتچىلىك، دېھقانچىلىق ۋە سودا بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئانتاليا شەھىرىنىڭ خەلقئارالىق دىپلوماتىيە چولپانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈلۈشكۈن (1 – مارتا) باشلانغان 3 -  نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىنىڭ بۇ قەد كۆتۈرۈشنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئانتاليانىڭ ھەر ساھەدە «خەلقئارالىق شەھەر» بولۇش سالاھىيىتىنى كۈچەيتىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىزنى سىياسىتى، دىپلوماتىيەسى، سانائىتى، پەن -تېخنىكىسى، دېھقانچىلىقى ۋە ساياھەتچىلىكى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىغا قانداق ئېلىپ چىققان بولساق، تۈركىيە ئەسرى بىلەن يەنە شۇنداق ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئىقتىسادى بۇلتۇر %4.5 ئاشتى. مىللىي كىرىمىمىز 1 تىرىليون 100 مىلياردتىن ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمىمىز 13 مىڭ دوللارغا يەتتى. بىز قۇرغان ئۈزلۈكسىز ئېشىش مۇھىتى سايىسىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ساياھەتچىلىكتە ھەر يىلى يېڭى رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىماقتىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر