ئەمىنە ئەردوغان رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىنى سەيلە قىلدۈردى.

2110175
ئەمىنە ئەردوغان رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولدى
emine erdogan ve lider esleri antalya.jpg
emine erdogan ve lider esleri antalya.jpg
emine erdogan ve lider esleri antalya.jpg
emine erdogan ve lider esleri antalya.jpg
emine erdogan ve lider esleri antalya.jpg

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرى  بىلەن بىرلىكتە «ئانادولۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى تەم ساياھىتى» ناملىق پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە جۇغراپىيەلىك خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتلار شۇنداقلا توقۇلما قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرى شۇنداقلا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىنىڭ «ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» تېمىلىق تارماق يىغىنلىرىغا قاتناشتى.

ئاندىن ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ مېھمانلىرى تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى ۋە قول ھۈنەر-سەنئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۆزگىچە لايىھەلەردىن تەركىب تاپقان توقۇمىچىلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئاندىن ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى مەسئۇللار، مېھمانلارغا ئەنئەنىۋى نەقىشلەر، بەلگىلەر ۋە رەڭلەر بىلەن بېزەلگەن كىيىم- كېچەك شۇنداقلا زىننەت بۇيۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقى خانىملار  ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن جۇغراپىيىلىك خاسلىققا ئىگە كۆرسەتكۈچ تىزىملىكىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىغا  غازىئانتەپ باقلاۋاسى، ئايدىن ئەنجۈرى، مالاتيا ئۆرۈكى، ئەزىنە پىشلىقى ۋە ئانتاكيا كۇنەفەسى قاتارلىق رايونلارغا خاس نۇرغۇن مەھسۇلاتلار تەقدىم قىلىندى.

ئەمىنە ئەردوغان كېيىن رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر