راما بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2104552
راما بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، زىيارەت دائىرىسىدە، تۈركىيە-ئالبانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئەردوغان بىلەن رامانىڭ رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە-ئالبانىيە مۇناسىۋىتى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى ئالبانىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، بالقان رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى چۆرىدەپ، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە، تۈركىيە-ئالبانىيە مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق ھەر خىل قانۇنىي ھۆججەتلەر ئىمزالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر