تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزەربەيجان توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزەربەيجان دۆلەت ھەيئىتىنىڭ سالاھىيەت ھۆججىتىنى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدىكى قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2103464
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزەربەيجان توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلار بىلەن سىغىشالمايدىغانلىقىنى ۋە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەمكارلىق ۋە دىيالوگ يوللىرىنى تاقاپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدىغان بۇ قەدەمنىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا پايدىسىز ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «تۈركىيە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنى بۇ خاتالىقنى تېزدىن تۈزىتىپ، جەنۇبىي كاۋكازدىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى يىغىنىدا، ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سالاھىيەت ھوقۇق ھۆججىتىنى تەستىقلاش رەت قىلىنغاچقا، ئەزەربەيجان ۋەكىللىرى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ سىرتىدا قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر