ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يۈرۈپ كەتتى.

2101347
ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «كەلگۈسىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈش» دېگەن تېما ئاستىدا چاقىرىلىدىغان «دۇنيا ھۆكۈمەتلەر باشلىقلار يىغىنى»غا ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلار، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئورگانلار، ئىلىم-پەن، پۇقرالار جەمئىيەتلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، ئاخبارات ۋەكىللىرى ۋە سودا-سانائەتچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلگۈچىسى بولغان ئەردوغاننىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر