تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى يۇرتىغا قايتماقتا
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ رەسىمىنى ھەمبەھىرلەپ، «پەخىرلەن ئى تۈركىيە!» دېگەن خەتكۈچ بىلەن «ئۇ يۇرتىغا قايتماقتا» دەپ يازدى.
2101000
![تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى يۇرتىغا قايتماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/93d4/b42a/0080/65c9be575b2e3.jpg?time=1722046221)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالپەر گەزەرئاۋجى قاتارلىق Ax-3 گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئەجدېرھا كاپسۇلى 10-فېۋرالدا ئامېرىكا فلورىدا دېڭىز قىرغىقىغا قونغان ئىدى.
ئەجدېرھا كاپسۇلى 18-يانۋاردا شۇ يەر ۋاقتى 16:49 دە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
تەخمىنەن 36 سائەت داۋاملاشقان سەپەردىن كېيىن، Ax-3 ئەترىتى 20-يانۋاردا خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا يېتىپ بارغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722046222)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.