تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى

ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىدىن قايتقان ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكادكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئايروپىلانى بىلەن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.

2101011
تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ رەسىمىنى ھەمبەھىرلەپ، «پەخىرلەن ئى تۈركىيە!» دېگەن خەتكۈچ بىلەن «ئۇ يۇرتىغا قايتماقتا» دەپ يازغان ئىدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجى قاتارلىق «Ax-3» گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئەجدېرھا كاپسۇلى 10-فېۋرال (2024) دا ئامېرىكا فلورىدا دېڭىز قىرغىقىغا قونغان ئىدى.

ئەجدېرھا كاپسۇلى 18 - يانۋاردا شۇ يەر ۋاقتى 16:49 دە ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) نىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

تەخمىنەن 36 سائەت داۋاملاشقان ئالەم سەپىرىدىن كېيىن، «Ax-3» ئەترىتى 20-يانۋار خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا يېتىپ بارغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر