تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارىتا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇدا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

2100776
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارىتا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سومالى پايتەختى مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «سومالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھەربىي خادىملارنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. سومالى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «تۈركىيە سومالىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

مۇقدىشۇدىكى گوردان ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر سومالىلىق ئەسكەر ئەتراپىدىكىلەرگە ئوق چىقارغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئادەم بومبىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر